维语学车考驾照科目一处罚(罚款)题

2024-05-10  11:14:27


xopurluk维语驾照考试题库(科目一处罚罚款题)是准橙考试网为大家收集整理的。新疆维吾尔族驾考学员刷题推荐使用维语驾考,支持维汉双语切换,语音读题,维语驾考可以让你更快通过维吾尔语驾照。准橙考试官方网站助您考试成功早日拿证!



维语学车证.jpg

进入小程序模拟更多题目



(单选题)1、چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇرى 12 گە توشسا، قانداق جازالىنىدۇ؟

A:ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش

B:ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش

C:ۋاقىتلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش ئىجازىتىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش

D:ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قېلىش

答案:C

解析:چېگرىدىن ۋاقىتلىق كىرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن ئومۇمىي نومۇرى 12 گە توشسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ۋاقىتلىق ھەيدەش ئىجازىتىنى بىكار قىلىشى ھەمدە تولۇق نومۇر بويىچە تەربىيىلەش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.


(判断题)2、ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا تەشكىللىگەن ۋە قاتناشقان ھەمدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

A、正确

B、错误

答案:A

解析:ئىلتىماس قىلغۇچى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرۇپ ياكى ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قوبۇل قىلمايدۇ، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى بىر يىل ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئىمتىھان جەريانىدا پارىخورلۇق، كۆز بويامچىلىق قىلغانلىرىنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەن باشقا پەنلەردىكى نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى بىر يىل ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىۋالغانلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى يىغىۋالىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش ئىجازىتىنى بىكار قىلىدۇ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ ۋە قاتنىشىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.


(判断题)3、ئېغىر قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، 10 يىل ئىچىدە قايتا پىراۋا ئېلىشقا بولمايدۇ

A、正确

B、错误

答案:B

解析:ئېغىر قاتناش ۋەقەسىدىن كېيى قېچىپ كەتكەن بولسا ئۆمۈرۋايەت كېنىشكە ئالالمايدۇ


(单选题)4、ئىلتىماس قىلغۇچىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللەپ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانداق جازا بېرىلىدۇ؟

A:رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ

B:ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ

C:ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

D:يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ

答案:C

解析:دۆلەتلىك ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.


(单选题)5、بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلەر قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟

A:جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

B:20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ

C:15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرىلىدۇ

D:ھەيدەش كېنىشكىسى بېكار قىلىنىدۇ

答案:D

解析:قوراشتۇرۇلغان ياكى بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە توشقان موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگۈچىلەرگە 200 - 2000 غىچە جەرىمانە قۇيىلىدۇ، ھەيدەش كېنىشكىسى بېكار قىلىنىدۇ، ئاپتوموبىلى يىغىۋېلىنىپ مەجبۇرىي بىراك قىلىنىدۇ.


(单选题)6、تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە قايسى خىل قىلمىشقا 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيۇلۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كېنىشكىسى بېكار قىلىنىدۇ؟

A:قاتناش يۈرۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىنسا

B:قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتسە

C:ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھەيدەش كېنىشكىسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرمىسە

D:بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇپ ھەيدىسە

答案:D

解析:ھەيدىگۈچى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇپ ھەيدىسە، 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلغاندىن سىرت يەنە ھەيدەش كېنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ


(判断题)7、ئاپتوموبىلنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكەن، ماتورى، گەۋدىسى ياكى رامىنى ئالماشتۇرغان، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تىزىم ئۆزگەرتمىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

A、正确

B、错误

答案:A

解析:ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئىگىسى ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتمەكچى، ئاپتوموبىل گەۋدىسى ياكى رامىنى ئالماشتۇرماقچى بولسا، ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتسە بولىدۇ.  ئاپتوموبىلنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكەن، ماتورىنى، كوزۇپىنى ياكى رامىنى ئالماشتۇرغان ئەمما بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تىزىم ئۆزگەرتمىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.


(单选题)8、تۆۋەندىكى قايسى خىل قىلمىشنى سادىر قىلسا، پىراۋىسى 6 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ

A:مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا

B:ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا

C:پىراۋىنى ساختا ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان  بولسا

D:ساختا ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان پىراۋىنى ئىشلەتكەن بولسا

答案:B

解析:بۇ سۇئالدا ھاراق ئىچىپ ھەيدەش بىلەن مەست بولۇپ ھەيدەش ئىككى ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ، ھاراق ئىچىپ ھەيدىسە پىراۋىسى 6 ئاي تۇتۇپ قېلىنىدۇ، مەسىت بولۇپ ھەيدىسە ( ھاراقنى تاكى مەست بولۇپ كەتكىچە بۇلۇشىغا ئىچىۋالغان ) پىراۋىسى بېكار قىلىۋېتىلىدۇ


(判断题)9、تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسىنى ياسىۋالغان ياكى ئۆزگەرتىۋالغان دەپ گۇمان قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا قاتناش ساقچىلىرى پەقەت جەرىمانە قويىدۇ.

A、正确

B、错误

答案:B

解析:تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يىغىۋېلىپ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.


(判断题)10、موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى باشقىلارنى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش جازاسى ۋە نومۇر خاتىرىلەشنى ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۆلىگەن بولسا، تۆلىگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

A、正确

B、错误

答案:B

解析:موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى باشقىلارنى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشقا بېرىلىدىغان جازا ۋە نومۇر خاتىرىلەشنى ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلسا ھەمدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۆلىسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۆلەيدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىدىكى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشقا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ.



电脑版在线刷题



热门文章